Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دىنگىسۋايو
دۇنيا تارىخى
丁吉斯瓦约
dīng jí sī wǎ yuē
(1770 - 1817) جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇلۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقى. مزېزۋا قەبىلىسى باشلىقىنىڭ ئوغلى. كېيىن دادىسى بىلەن يامانلىشىپ قېلىپ سىرتتا سەرسان بولۇپ يۈرگەن. 1797-يىلى قايتىپ كېلىپ، ئاكىسىنى قەست قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، تەختكە چىقىۋالغان. ⅩⅤⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرى شىمالىي ناتالدىكى ھەر قايسى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئارمىيىنى ئىسلاھ قىلغان، ياش - قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەمىسى ھەربىي سەپكە كىرىپ قاتتىق تەربىيە ئېلىشى كېرەك دەپ بەلگىلىگەن؛ مۇزامبېكتىكى پورتۇگالىيە سودا پونكىتلىرى بىلەن پىل چىشى ۋە كۆن - خۇرۇم سودىسىنى قىلىشقا ئىلھام بەرگەن. 1817-يىلى زۇئېدې قەبىلىسى بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەن.