Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىمىغى ئۈستۈن
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، كىشىنى نەزىرىگە ئىلمايدىغان، ھالى چوڭ؛ - تەكەببۇر، ھاكاۋۇر: سىلەرنىڭ بۇ باشلىقىڭلارنى مەن بۇرۇن خېلى تۈزۈك ئادەم چاغلايدىغان، لېكىن بەك دىمىغى ئۈستۈن ئادەم ئىكەن، - دېدى ئۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەكەببۇر، ھاكاۋۋۇر، چوڭچى، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان.
سىلەرنىڭ بۇ شۈجىيىڭلارنى مەن بۇرۇن خېلى تۈزۈك ئادەم چاغلايدىغان، لېكىن بەك دىمىغى ئۈستۈن ئادەم ئىكەن.
- دىمىغى ئۈستۈن؟! دىمىغى ئۈستۈن ئادەم ئاشۇنداق بولامدۇ؟ - ئۇ ئۆڭگەن ھالدا ۋارقىرىدى.