Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دېماك
دائىرە: دۇنيا تارىخى淡目国
dàn mù guó
ھىندۇنېزىيىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان فېئودال دۆلەت. ياۋا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى رادېن پاتاخ ئەسلىدە دېماكنىڭ يەرلىك فېئودال خوجىلىق يەرئىگسى بولۇپ، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مادجاپاخىت دۆلىتى پارچىلانغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل بولغان. سۇلتان ترېڭگونو تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1521 - 1546)، دۆلىتى ئەڭ كۈچىيىپ ياۋانىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلغان. ترېڭگونو 1546-يىلى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختنى تالىشىش ئۇرۇشى پارتلاپ، ئاخىرى ئۇنىڭ كۈيئوغلى، پاجاڭنىڭ يەرلىك خوجىلىق يەر ئىگىسى تىڭگىر غەلىبە قىلغان ۋە پايتەختىنى پاجاڭ (ھازىرقى سولونىڭ غەربىي جەنۇبىدا) قا يۆتكەپ، پاجاڭ پادىشاھلىقى دەپ ئاتىغان. 1582-يىلى مادارەن پادىشاھلىقى (ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ) تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى淡目
dàn mù
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.