Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىلخۇمار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دىل + خۇمار
ئى. كۆڭۈل تارتقان كۆڭۈل سۆيگەن كىشى ياكى نەرسە.
كەلسە گەر بەرگىن خەۋەر، ئۇچۇپ چىقاي مەن ئالدىغا، ۋەسلىنى كۆرسەتكىلى ئۇ دىلخۇمارىم كەلدىمۇ؟
سۈپ. ئامراق، مەھلىيا، مەپتۇن.
گۈلباغ بىزنىڭ يېزىمىز، بۇلبۇل ئاڭا دىلخۇمار. كەتمەس ئۇنىڭ قوينىدىن، مىسلى گۈزەل نەۋباھار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(پارىسچە-ئەرەبچە)
دىلنى مەپتۇن قىلغۇچى، كۆڭۈلنى ئىللىتقۇچى، يەنى زىبا، دىلكەش قىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
كۆڭۈلنى ئارزۇلىغۇچى