Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىلشاد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆڭۈل شاد، خۇرسەن، مەمنۇن، خۇشال:
ئەلگە ئىشرەت باغىدا خۇررەملىقۇ دىلشادلىق،
مەن غەرىبىىڭ غەم بىلەن ھەمخانە بولدۇم ئاقىبەت.
نەۋبەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خۇشال، خۇرسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. دىلى شاد، كۆڭلى خۇشال، غەمسىز، ئەندىشىسىز.
شۇندىن كېيىنلا دىلشاد كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى.
ياكى شېرىن تاپتى نەق پەرھادىنى، مىڭ بالا - زەخمەت چېكىپ، دىلشادىنى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(پارىسچە)
قوۋناق، بەختىيار، خۇشاللىق ياكى كۆڭلىمىزنىڭ شاتلىقى بولغان پەرزەنت.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
دىلشات
كۆڭلى خۇش، شاد كۆڭۈل