Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىلكەش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دىلنى تارتقۇچى، يېقىملىق، سۆيۈملۈك:
مېنىڭ بەزمەمدە بولسە نەغمە پەرداز،
مۇھەببەتدىن چىقارسە دىلكەش ئاۋاز.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆڭۈلنى ئۆزىگە تارتقۇچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. كۆڭۈلنى تارتىدىغان، جەلپ قىلىدىغان؛ كىشىگە زوق بېرىدىغان، كۆڭۈلنى ئاچىدىغان.
ھۆر ۋەتەندە ياڭرىغان دىلكەش مۇقامنىڭ ئەۋجىدە، شوخ تارىمنىڭ ئەلگە مەشھۇر راۋابى - دىلتارى بار.
سۈپ. باشقىلارغا ھېسداشلىق ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغان، كىشىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان، مېھرىبان، ئاق كۆڭۈل.
ئۇ نامرات، قىسمىتى ئېغىر بالىلارغا ئالاھىدە دىلكەش، يېقىن ئىدى.
سۈپ. مۇڭدىشىدىغان، سىردىشىدىغان، دەردىگە دەرمان بولىدىغان، يېقىن، ئامراق.
ئۇلار ئۇزۇندىن بېرى ھەقىقىي دىلكەش دوستلاردىن ئىدى.
ئى. مۇڭدىشىدىغان، سىردىشىدىغان دوست، ھەمراھ، يېقىن كىشى.
ئىنساننىڭ دىلى بىھۇدە ئازار يەپ، يۈرىكى ئازابلانغان چاغدا، كىشى بىرەر دىلكەشنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئىچ - قارنىنى تۆكۈپ كۆڭلى - كۆكسىنى بوشىتۋېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
دىلنى تارتىدىغان