Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دېلكاسسېي
دائىرە: دۇنيا تارىخى德尔卡塞
dé ěr kǎ sāi
(1852-1923) فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى(1898-1914،1905-1915)، دەسلەپتە مۇخبىر بولغان 1889-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان 1894-1895-يىللىرى مۇستەملىكلەر مىنىستىرى بولغان 1898-يىلدىن ئېتىبارەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەخپىي دىپلوماتىيىنى يولغا قويۇش بىلەن داڭق چىقارغان. فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك مەنپەئىتىنى پائال قوغداپ، ئافرىقىدىكى تەسىر دائىرىسىنى بۆلۈۋېلىشقا قاتناشقان: فرانسىيەروسىيە ئىتتىپاقىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەپ، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرغان. بىرىنچى قېتىملىق مەراكەش كرزىسى بولغاندا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1911-1913-يىللىرى دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى بولغان 1913-1914-يىللىرى روسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ روسىيىگە يېقىنلىشىپ، ئەنگىلىيە بىلەن بىرلىشش سىياسىتىنى داۋاملىق بولغا قويغان. 1519-يىلى سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.