Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دېلفى
دۇنيا تارىخى
特尔斐
tè ěr fěi
قەدىمكى يۇنان شەھىرى. ئورنى فوسىس چېگرىسى ئىچىدە، ئاپوللون ئىبادەتخانىسى ۋە ئوراكلې (<مۇقەددەس جاي>) تۇرۇشلۇق جاي. بۇ ئىبادەتخانىدىكى ئايال كاھىن پىتىيە ئۆزىنىڭ ۋەھىي، بېشارەت، پاللىرى بىلەن داڭلىق. دېلفى شەھىرىنى دەسلەپ دورىئان كۆچمەنلىرى بەرپا قىلغان. شەھەر پارناسۇس تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، دېلفى پۈتكۈل يەر - زېمىننىڭ مەركىزىي (<يەر - زېمىننىڭ كىندىكى>) دەپ قارالغان. ئاپوللون ئىبادەتخانىسى شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ⅤⅡ ئەسىردە قۇرۇلغان، كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن؛ جايلارنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭىۋاشتىن كېڭەيتىپ قۇرۇلغان، ئۇ ھەيۋەتلىك دورىئانچە قۇرۇلما بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئويما ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى بار. ئىبادەتخانا جايلارنىڭ سەدىقىسى ۋە ئىنئامىنى قوبۇل قىلىپ ناھايىتى نۇرغۇن بايلىق توپلىغان، ئۇنى ھەر قايسى شەھەرلەردىن تەشكىل قىلىنغان <يېقىن قوشنىلار ئىتتىپاقى> قوغدىشىغان. ئاپوللوننىڭ زەھەرلىك ئەجدىھا پىتىئۇمنى يەڭگەنلىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ يەردە پۈتۈن يۇنان بويىچە تەبرىكلەش بايرىمى - <پېتىئۇم بايرىمى> ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇنىڭدا مۇزىكا ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر بولغان. شەھەردە ئاقسۆڭەك دوكالار ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلغان، يۇقىرى ئەمەلدارلار، كاھىنلار ۋە سىناتنىڭ ئەزالىرى(ئادەم سانى چەكلىك)نىڭ تولىسى دورىئان ئاقسۆڭەكلەردىن بولغان. يۇنانپېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە سېرېس شاھ ئەسكەر ئەۋەتىپ فۇسسىقا بېسىپ كىرگەن(مىلادىدىن ئىلگىرى 480)، دېلفىنلارنىڭ ئېيتىشىچە، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى خۇدا ئاپوللون تەرىپىدىن<قوغلاپ چىقىرىلغان> مىلادىدىن ئىلگىرى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا فۇسس ھۆكۈمرانلىرى ئىبادەتخانا مۈلكىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن تېبېس قاتارلىق باشقا يۇنان شەھەرلىرى بىلەن< مۇقەددەس ئۇرۇش>قىلغان( فۇسس يېڭىلگەن) بۇ ئىش ماكېدونىيە پادىشاھى قىلىپ نىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرگەن.ئۇزۇن ئۆتمەي يۇناننىڭ ئۆز زېمىننى(جۇملىدىن دېلفى) ماكېدونىينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يەنە رىم زىمىنغا قوشۇۋېتىلگەن. ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە رىم ئىمپىراتورى تېئودوس خرستىئان دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ بۇيرۇلغان:شۇنىڭ بىلەن دېلفىنىڭ گۈللەنگەن ئەھۋالى تەدرىجىي ھالدا تارىخىي ۋەقەگە ئايلىنىپ قالغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
德尔斐
dé ěr fěi
دىنى سۆزلۈكلەر
特尔斐
tè ěr fěi