Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دىكېئوس
دائىرە: دۇنيا تارىخى第克奥斯
dì kè ào sī
(1825 - 1788) گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ داھىيىلىرىدىن بىرى. 1821-يىلى گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، قوزغىلاڭچىلار لاگېرىدىكى دېموكراتلار ۋەكىلى بولغان. شۇ يىلى 1-ئايدا مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات ھېتارىيىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن مولياغا بېرىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشقا كۆپ قېتىم قاتناشقان. 1823-يىلى خەلق پارلامېنتى تەرىپىدىن ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن، 1824-يىلى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. كېيىن موليادا ئىبراھىم پاشا قوماندانلىقىدىكى مىسىر قوشۇنىغا توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقاندا قۇربان بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.