Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دېكارت
ئىستېتىكا
دېكارت (1650 - 1596)
笛卡儿(ReneDescartes,1596-1650),法国唯物主义的奠基人,近代唯理论的第一个代表
dí kǎ ér (ReneDescartes,1596-1650),fǎ guó wéi wù zhǔ yì de diàn jī rén ,jìn dài wéi lǐ lùn de dì yī gè dài biǎo jìn dài wéi lǐ lùn de dì yī gè dài biǎo
دۇنيا تارىخى
笛卡儿
dí kǎ ér
(1596 - 1650) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، تەبىئىي پەن ئالىمى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىكىدە لاۋلىش خرىستوس چېركاۋى مەكتىپىدە ۋە پۇۋاتىئېي داشۆسىدە ئوقۇغان. ئارمىيىدە ئۇزاق مۇددەت خىزمەت قىلغان. 1629-يىلدىن 1649-يىلغىچە گوللاندىيىدە تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاپ، ئەسەر يېزىشقا بېرىلگەن. 1649-يىلى شۋېتسىيە كورۇلىۋاسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ستوكھولمغا كەلگەن، ئىككىنچى يىلى شۇ يەردە ۋاپات بولغان. فىزىئولوگىيە، پسىخولوگىيە، ئوپتىكا، ئاقار يۇلتۇزلار ئىلمى، ئالگېبرا ۋە ئانالىتىك گېئومېتىرىيە توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە مەخسۇس ئەسەرلىرى بولۇپ، دېكارت كوئوردىناتى ۋە دېكارت ئەگرى سىزىقىنى كەشىپ قىلغان، ئادەتتە ئانالىتىك گېئومېتىرىيىنىڭ ئاساسچىسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل چۆرۈپ تاشلاپ، ماتېماتىكىدىكى خاتاسىز ئېنىق چۈشىنىلگەن قائىدىنى ئاساس قىلىپ مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى پەلسەپە تەتقىقاتىدا قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ <ئومۇميۈزلۈك گۇمانلىنىش> نى تەرغىپ قىلغان، ئۇنىڭ مەشھۇر سۆزى <مەن پىكىر قىلىۋاتىمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇتمەن> دىن روھىي سۇبېيكت مەۋجۇت دەپ قارايدىغانلىقىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماددىي دۇنيانىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بىرىنچى قېتىملىق سىرتقى كۈچنىڭ تۈرتكىسىدىن كېيىن ماددا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىدۇ (مېخانىڭ ھەرىكەت)، دەل مۇشۇنداق ھەرىكەتلا ماددىنىڭ كۆپ خىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى زىددىيەتكە تولغان ئىككى مەنبەلىك نەزەرىيىسى ۋە ئىدېئالىستىك نوقۇل ئەقلىيلىك بولۇپ، ئۇنىڭ مېتودولوگيىسىدە ئەقلىيلىك ۋە لوگىكىلىق خۇلاسە تەكىتلىنىپ، تەجرىبىگە سەل قارالغان. <مېتودولوگىيە>، <مېتافىزىكىلىق خىيال>، <پەلسەپە قائىدىسى> دېگەندەك ئاساسىي ئەسەرلىرى بار.