Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
迪亚斯
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
dí yà sī
ئەرلەر ئىسىملىرى
دىياس
دۇنيا تارىخى
دىئاس
(1) (1830 - 1915)، مېكسىكا زۇڭتۇڭى (1876 - 1880، 1884 - 1911)، مۇستەبىت. شتات باشلىقى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش (1854 - 1860) تا ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنى قوللىغان ھەمدە 1186 - 1867-يىللىرى فرانسىيە مۇداخىلىچى ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1871-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە مەغلۇپ بولغان. 1876-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگخلدە يەرلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى يېڭىۋاشتىن يانچىلارغا ياكى قەرزدار دېھقانلارغا ئايلاندۇرغان؛ چېركاۋنىڭ ئىمتىيازلىرىنى ئەسلىەە كەلتۈرگەن؛ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى سېتىپ، چەت ئەل كاپىتالىنىڭ كان مەھسۇلاتى بايلىقى، تۆمۈريول ياساش ھوقۇقى ۋە سودا - سانائەت كارخانىلىرىنى كونترول قىلىشقا يول قويۇپ،مېسىكىنى ئەنگلىيە، ئامېرىكىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. چوڭ ئېمنىيە ئىگىلىرى، كاتولىك دىنى راىھبلىرى ۋە چەت ئەل كاپىتالىستلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغان ھەمدە 1910-يىلدىكى بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. 1911-يىلى 5-ئايدا ئوغرىلىقچە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن پارىژدا ئۆلگەن. (2) جوسې راموس دىئاس (1894 - 1942) ئىسپانىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياشلىق دەۋرىدە ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە قامالغان. 1925-يىلى خەلقئارا ئىنقىلابىي جەڭچىلەرگە ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1926-يىلى كومپارتىيىگە كىرگەن. 1932 - 1942-يىللىرى ئىسپانىيە كومپارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1935-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 7-قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1936 - 1939-يىللىرىدىكى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە خەلق فرونتىنىڭ مۇھىم رەھبىرى بولغان. ئىچكى ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فرانكونىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. 1942-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
迪亚斯〈纳米〉
dí yà sī
دىياس
dí yà sī
دىياس
dí yà sī
دىياس