Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ديۇپون
دائىرە: دۇنيا تارىخى杜邦
dù bāng
(1870-1954)ئامېرىكىلىق مونوپول كاپىتالىسىت. فرانسۇز بولۇپ، كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1890-يىلى ماسىن تەبىئىي پەن ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جەمەتى قۇرغان ديۇپون شىركىتىدە پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىسسز مىلتىق دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشقا قاتناشقان. 1902-يىلى ئىككى نەۋرە ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ ديۇپون شىركىتىنى قۇرغۇچى ئې، ئى، ديۇپون (1771-1834) نىڭ كارخانىسىنى سېتىۋېلىپ، بوغالتىر مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان. 1915-ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى گۇرۇھ يەنە بىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ قوشقان پېيىنى سېتىۋالغان. 1915-1920-يىللىرى شىركەتكە رەھبەرلىك قىلىپ شىركەتنىڭ خىمىيىلىك مەھسۇلاتىنى بىر قانچە ئون خىلغا يەتكۈزگەن ھەمدە باشقا سانائەت ساھەلىرىگە قول سالغان. 1920-يىلى گېنرال ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنە ديۇپون باشقارمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ سىياسىي جەھەتتە فرانكلىن روزۋېلتنى قوللاپ كەلگەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.