Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېيىشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<دېمەك Ⅰ> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئىليار خوجا دائىم بىر كۆزىنى قىسىپ يۈرگىنى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى قارىغۇ خوجا دېيىشەتتى.
ئۆزئارا كېلىشمەك، مەسلىھەتلەشمەك.
- ھەرھالدا باشتا دېيىشىپ قويغان ياخشىراقمىكىن، - دېدى كېرەم زاپخوز.
خاپىلاشماق، تاكاللاشماق، ئۇرۇشماق.
پۇل تاپتىم ياخشى بىلەن يېيىشكىلى، يامان بىلەن دېيشكىلى (ماقال).
ئالاقىلاشماق، سۆزلەشمەك.
بۇ ئىش توغرۇلۇق كىم بىلەن دېيىشىمەن؟