Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
定向反射
پسىخولوگىيە
يۆنىلىش رېفلېكسى
باشتا پاۋلۇپ بۇ خىل رېفلېكسنى «نىمە ئۇ؟ رېفلېكسى» دەپ ئاتىغان، كېيىن «ئىزدىنىش رېفلېكسى» دەپ ئاتىدى. ھايۋان يېڭى تەسىرگە (ئاۋاز ياكى يورۇقلۇققا) ئۇچرىغاندا، قىلىۋاتقان ئىنكاسىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، تەسىرنىڭ كەلگەن تەرىپىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قۇلاق سالىدۇ ياكى قارايدۇ. مانا شۇنداق ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قۇلاق سېلىش ياكى يورۇقلۇق كەلگەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ قاراش يۆنىلىش رېفلېكسى دېيىلىدۇ (ياكى ئىزدىنىش رېفلېكسى دېيىلىدۇ). يۆنىلىش رېفلېكسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) گەۋدە خاراكتېرلىك تەركىبلەر (گەۋدە، باش، كۆز، قۇلاق ھەرىكىتى)، (2) ۋىگىتاتىۋ خاراكتېرلىك تەركىبلەر (يۈرەك قان تۇمۇر سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، نەپەسنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار)، (3) مېڭە دولقۇنى تەركىبى (a دولقۇننىڭ تومۇزلىنىشى ياكى قوزغىلىشى پوستلاقنىڭ رېئاكسىيە خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار)، (4) سەزگۈ تەركىبى (ئانالىزاتورنىڭ سېزىمچانلىقىنىڭ يۈكسىلىشى قاتارلىقلار). رېفلېكسنىڭ مۇنداق بىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسى يېڭى تەسىرنى سېزىشنى ئەڭ مۇۋاپىق شەرت بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن: يۆنىلىش رېفلېكسى ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈنىڭ خاراكتېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ. سەگەكلىك سەۋىيىسى ئومۇميۈزلۈك ئاشىدۇ. بۇ ئورگانىزمنىڭ يېڭى شەيئىنى ئېنىق ئەكس ئېتىشىدە، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مائارىپ
dìng xiàng fǎn shè
نىشانلىق رېفلېكس