Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
丁田制
دۇنيا تارىخى
نوپۇس بويىچە يەر تەقسىم قىلىش تۈزۈمى
چاۋشيەن سىللادىكى يەر تۈزۈمىنىڭ بىرى. مىلادى 722-يىلى (شېندې ۋاڭنىڭ 21-يىلى) دىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. فېئوداللىق دۆلەتلەردە 15 ياشتىن يۇقىرى ئەر - ئاياللارغا مەلۇم كۆلەمدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەردىن بېرىلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جان سانى بويىچە بېرىلگەن يەرنى ئۆمۈرۋايەت ئىگىلەپ تۇرۇشقا بولاتتى، يەر ئىگىسى ئۆلۈپ قالسا يەر قايتۇرۇلاتتى. مەڭگۈلۈك بېرىلگەن يەرنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇشقا رۇخەسەت قىلىناتتى، ئەمما ئېلىپ - سېتىش مەنئى قىلىناتتى. يەر ئالغان دېھقانلار يەرگە باغلاپ قويۇلۇپ، يەر ئىجارىسى، تارتۇق بېجى ۋە ئالۋاڭ - ياساق ئۈستىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ بېقىندا دېھقانلىرى بولغانىدى. كېيىن فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاشقانلىقى ۋە ئاق سۆڭەك پومېشچىكلارنىڭ يەرلەرنى قوشۇۋالغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ تۈزۈم تەدرىجىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، سىللا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلەەندە نامدا بار ئەمەلدە يوق بولۇپ قالغان ئىدى.