Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىيار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆلكە، مەملىكەت؛ ئۆلكىلەر، مەملىكەتلەر.
يۇرت، ۋەتەن، ئۆي، ماكان:
زېھى ئازادەئى مەن ئىشىق ئارا مەجنۇن ئەمەس ھەمراھ،
نە مەندە خانۇمانۇ نە ماڭا يارۇ دىيار ئولغاي.
سەبۇرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۇرت، ۋەتەن، مەملىكەت، ئۆلكە، شەھەر (ئۆي مەنىسىدىكى <دار> نىڭ كۆپلۈكى).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەر، مەملىكەت.
<ۋەتەن> دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئۆز مەملىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
<ئەل> تۇغۇلغان يەر ۋە شۇ يەرنىڭ ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ.
<يۇرت> تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياكى ئۇزاق تۇرغان يەر.
<دىيار> ئومۇمەن مەملىكەت، يۇرت.
<قەدىم جاي> ئاتا - ئانىس
ۋەتەننى سۆيۈش - ھەربىر پۇقرانىڭ مەجبۇرىيىتى. كىمكى پايدا ئىزدەپ ۋەتەندىن كېتەر، خانىۋەيران بولۇپ ئۆتەر. ئەلگە باققان خار ئەمەس. ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى روھىڭ سامان بولماس. دىيارى يوقنىڭ دىدارىغا قارىما. قەدىم جايغا بېرىپ كېلەي دەيمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەملىكەت، ۋەتەن، يۇرت.
سۆيۈملۈك دىيار. ئەزىز دىيار.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ۋەتەن، ئانا يۇرت پەرزەنتى.