Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
电器官
بىئولوگىيە
ئېلېكتر ئورگىنى
بېلىقلار ئىچىدىكى بەزى تۈرلىرىنىڭ ئېلېكتر ئورگىنى بولۇپ، توك چىقىرىپ قوغدىنىدۇ ياكى ھۇجۇم قىلىدۇ. ئاتلانتىك ئوكيان، تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيانلاردىن چىقىدىغان ناركا بېلىقى، جەنۇبىي ئامېرىكا دەريالىرىدا بولىدىغان ئېلېكترلىك يىلانبېلىقلارنىڭ ھەممىسى توك چىقىرالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېلېكتر ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى مۇسكۇلنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن. ناركونىڭ ئېلېكتر ئورگىنى كۆكرەك پالاقچىسىنىڭ ئىچكى يېنىغا، بېشىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان. ئېلېكترلىك يىلانبېلىقىنىڭ ئېلېكتر ئورگىنى بولسا، قۇيرۇق قىسمىغا جايلاشقان. يەنە بىر خىل ئېلېكترلىك يۇلتۇز باقار بېلىق دەپ ئاتىلىدىغان دېڭىز بېلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېلېكتر ئورگىنى يەنىلا كۆز قىسمىدىكى مۇسكۇللاردىن شەكىللەنگەن. ئافرىقا دەريالىرىدا بولىدىغان ئېلېكترلىك زىلوروس (سوم) نىڭ ئېلېكتر ئورگىنى مۇسكۇللاردىن ئەمەس بەلكى ھەقىقىي تېرە بەزلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
diàn qì guān
ئېلېكترىك ئورگان