Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېگەن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<دېمەك Ⅰ> پېئىلىنىڭ سۈپەتدىشى.
بۇ سۆزنى ئۇنىڭغا مەن دېگەن.
ساڭا بۇ ئىشنى كېم دېگەن؟
سۈپ. ئىسىملىك، ناملىق؛ ئىسمى، نامى بىلەن ئاتىلىدىغان.
قارا تورۇققا مىنگىنى ئامانقۇل بولۇپ، جەدە قاشقىغا مىنگىنى رازى دېگەن يىگىت ئىدى.
باغل. كۆچۈرمە جۈملە ياكى سۆز - ئىبارىلەرنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
كونىلاردا <سەۋر قىلساڭ، غورىدا ھالۋا پىشۇر> دېگەن گەپ بار.