Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دې گاسپېرى
دائىرە: دۇنيا تارىخى德加斯佩里
dé jiā sī pèi lǐ
(1881 - 1954) ئىتالىيە زۇڭلىسى (1945 - 1953). رانتىنو (شۇ چاغدا ئاۋستىريىگە قارىغان) دا تۇغۇلغان. ۋېنا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. دەسلەپتە ئاۋسترىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ترانتىنونى ئىتالىيىگە قايتۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيە خەلق پارتىيىسىنى قۇرۇش ئىىغا قاتناشقان. 1921-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1926-يىلى فاشىست ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك قاما جازاسى بېرىلگەن. كېيىن مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن. 1931-يىلدىن باشلاپ، ۋاتىكان كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كاتولىك دىنى دېموكراتلار پارتىيىسىنى تەشكىل قىلىپ، فاشىستلارغا قارشى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1944 - 1945-يىللىرى بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. زڭلى بولغان مەزگىلدە ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپا بىلەن بىرلىشىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.