Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىففېرېنسىيىلىنىش
بىئولوگىيە
كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلارنىڭ يەككە يېتىلىشى جەريانىدا، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، تۈزۈلۈش ۋە فۇنكىسىيە جەھەتتە ئاددىيلىقتىن ئالاھىدىلىككە ئۆزگىرىش ھادىسىسى. مەسىلەن، ھۈجەيرىلەر دىففېرېنسىيىلىشىش ئارقىلىق، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملەكلەردە قوغدىغۇچى توقۇلما، نېپىز پوستلۇق توقۇلما، مېخانىكىلىق توقۇلما، توشۇغۇچى توقۇلما ۋە ئاجرىتىپ چىقارغۇچى توقۇلما قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلاردا ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى، قوشقۇچى توقۇلما، مۇسكۇل توقۇلمىسى ۋە نېرۋا توقۇلمىسى قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ. دىففېرېنسىيىلىنىش - ھۈجەيرىدىكى ترانسىكرىپسىيىلىنىش ياكى ترانسىلاتسىيىلىنىشنىڭ تەدرىجىي چەكلىمىگە ئۇچرىشىنىڭ نەتىجىسى. تېخى دىففېرېنسىيىلەنمىگەن تولۇق ئىقتىدارلىق تۆرەلمە ھۈجەيرىسىدە بىر يۈرۈش گېن بولىدۇ. يېتىلىش جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ھۈجەيرىلەر دىففېرېنسىيىلىنىپ بەلگىلىك تەرتىپتە ئوخشاش بولمىغان تاشقى مۇھىت، شارائىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن گېننىڭ تەڭشەش سىستېمىسى ئېچىلىدۇ ياكى يېپىلىدۇ. بىر قىسىم گېنلار تاللىنىپ ئاكتىپلىشىش رولىنى ئوينايدۇ، بىر قىسىم دېففېرېسىيىلىنىپ بولغان ھۈجەيرىلەر ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا ئەسلىگە قايتىپ دىففېرېنسىيلەنمىگەن تۆرەلمە ھۈجەيرىسى ھالىتىگە كېلەلەيدۇ. بۇ جەريان دىففېرېنسىيلىنىشتىن قايتىش (dedifferentiation) دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول، يوپۇرماق، كىچىك سپورىسى قاتارلىق ھۈجەيرىلەرنى تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرگەندە دىففېرېنسىيىلىنىشتىن قايتىپ، بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا ئۆسىدۇ ۋە مۇكەممەل ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدۇ.