Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德意志学校联盟
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە مەكتەپلەر ئىتتىپاقى
ئاۋسترىيە بۇرژۇئازىيەنىڭ ئەكسىيەتچىل مەدەنىيەت تەشكىلاتى. 1880 - يىلى قۇرۇلغان. بۈيۈك نېمىس مىللىتىنىڭ شوۋىنىزملىق ئىدىيىسىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، نېمىسلارنىڭ زىسلېتانىيە (ئاۋسترىيەنى كۆرسىتىدۇ) دىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغدىغان. <نېمىسلارنىڭ مەدەنىيەت مەنپەئىتىنى قوغداش> بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، غەيرىي نېمىس مىللىتى مەدەنىيىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە چەتكە قېقىپ كەلگەن. چېخ، سلوۋېنىيە ۋە كرودىيە قاتارلىق جايلاردا يېڭى مەكتەپ ئېچىشقا ۋە غەيرىي نېمىسلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرغان ھەمدە باشقا مىللەتنىڭ دەرسلىكىنى قوللىنىشنى مەنئىي قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئەكسىيەتچىل ھەرىكىتى نۇرغۇن رايونلاردا سلاۋىيانلارنىڭ مەدەنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1882 - يىلى گېرمانىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.