Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德意志第三帝国
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە ئۈچۈنىچى ئىمپېرىيىسى
فاشىست گېرمانىيسىنىڭ (1933 - 1945) غەيرىي رەسمىي نامى. گېرمانىيىلىك مىللىي شوۋىنىزمچى بروك ( 1876 - 1925) ئۆزىنىڭ <ئۈچىنچى ئىمپېرىيە> دېگەن ماقالىسىدە ھەممىدىن ئاۋۋال بۇ نامنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ ناتسىتلار پارتىيسىنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزۈش غەرىزىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1933 - يىلى 1 - ئايدا گىتلېر ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، ۋېيمار جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتىنى بىكار قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە فاشستىك ئسىتىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزگەن، تاشقى جەھەتتە تاجاۋۇزچىلىق - كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان. ناتسىتلار پارتىيىسى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى (962 - 1806) ۋە گېرمان ئىمپېرىيىسى (1871 - 1918) دىن كېيىن بىر يېڭى <ئەبەدىي ئىمپېرىيە> قۇرۇش كويىدا بولغان. لېكىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا گېرمانىيە يېڭىلىپ فاشىستىك ھاكىمىيەت تارمار قىلىنغان.