Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德意志帝国
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى
ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئارقىلىق قۇرۇلغان، پرۇسسىيە مەركەز قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە دۆلىتى. پروسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1871 - يىل 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋېرسال ئوردىسىدا ئۇنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 22 گېرمانىيە شتاتى، ئۈچ ئەركىن شەھەر (ھامبۇرگ، بېرېمېن، ليۇبېك) ۋە ئىمپېرىيەنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىسى ئېلزاس - لوررىندىن تەركىپ تاپقان. 1871 - يىل 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ماقۇللانغان <گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى ئاساسىي قانۇنى>دا بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيەنىڭ قوشما شتارلار تۈزۈمى ئاساسىدىكى پادىشاھلىق دۆلىتى ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەنل ھەرقايسى شتاتلار كەڭ تۈردە ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. پروسسىيە ئىمپېرىيىدە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان، پروسسىيە كورۇلى گېرمانىيەنىڭ كورۇلى بولۇپ، ھەربىي، دىپلوماتىيە جەھەتلەردىكى ھوقۇققا ئىگە بولغان؛ پرۇسسىيە باش ۋەزىرى ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ، ئۇ پادىشاھ تەرىپدىن تەيىنلەنگەن ۋە قالدۇرۇلغان، پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولمىغان؛ ئىمپېرىيىدە قوشما شتات پارلامېنتى ۋە ئىمپېرىيە پارلامېنتى ئىككى پالاتا تۈزۈمىدىكى ۋەكالەت ئورگىنى بولغان. قوشما شتات پارلامېنتى ھەرقايسى شتاتلارنىڭ بەگلىرى ۋە ئەركىن شەھەر تەيىنلەنگەن 58 نەپەر ۋەكىلدىن تەركىپ تاپقان. ئۇ ئىمپېرىيەنىڭ ئالىي ئورگىنى بولۇپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، ئىمپېرىيەنىڭ باش ۋەزىرى قوشما شتاتلار پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ ئىمپېرىيە پارلامېنتى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، لېكىن پرۇسسىيە قاتارلىق شتاتلاردا ئۈچ دەرىجىلىك سايلام تۈزۈمى مەۋجۇت بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ سايلام ھوقۇقى زور چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئىمپرىيە - يۇنكېر - بۇرژۇئازىيە دىكتاتۇرلۇقىدىكى دۆلەت بولۇپ، يۇنكېر پومېشچىكلار ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. ماركس ئۇنى پارلامېنت شەكلى بىلەن ئۆزىنى پەدازلىۋالىغان ھەربىي مۇستەبىتلىك تۈزۈم ئاساسىدىكى دۆلەت دەپ ئاتىغان. 1918 -يىلى گېرمانىيەنىڭ نويابىر ئىنقىلابىدا خوخېنسوللىرن خاندانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، ئىمپېرىيەمۇ شۇئان بەربات بولغان.