Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德兴里壁画基
دۇنيا تارىخى
تام رەسىملىرى سىزىلغان دېشىڭلى قەبرىسى
چاۋشىيەننىڭ كوگورۇيۇ دەۋرىدىكى تام رەسىملىرى سىزىلغان قەبىلە. ئۇ چاۋشيەن پىڭئەنداۋ ئۆلكىسىدىكى دائەن شەھىرىدىكى دېشىڭلى دېگەن يەرگە جايلاشقان. 1976-يىلى قېزىلغان. قەبرە يولى ئالدىنقى لەھەت ۋە ئىچكى لەھەت دەپ ئايرىلغان. قەبرە ئىگىسى كوگورۇيۇ شىندۇ ناھىيىسىدىن بولغان <جىن> ئىسىمىلك ئادەم بولۇپ، ئۇ يوجۇ ئايمىقىنى بېگى بولغان. ئالدىنقى لەھەتنىڭ شىمالىي تېمىنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئىچكى لەھەتكە بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىدە كوگورۇيۇ يوڭلېنىڭ 18-يىلى (408-يىلى) <جىن> توغرىسىدىكى 14 قۇر، 150 خەتلىك بېغىشلىما يېزىلغان. لەھەت يولىنىڭ ئېغىزىدىن تارتىپ پۈتۈن قەبرىنىڭ تاملىرىغا رەسىم سىزىلغان. قەبرە ئىگىسىنىڭ يوجۇ ئايمىقىنىڭ بېگى بولغان چېغىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىدىن باشقا، قەبرىىنىڭ تورۇسىغا ئاي، كۈن، يۇلتۇز ۋە سامانيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز سىزىلغان. لەھەتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تام رەسىملىرى كوگوريۇغا خاس ئلاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، كوگوريۇ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.