Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دەۋر ئالمىشىش
دائىرە: بىئولوگىيە世代交替
shìdàijiāotì
كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈك ۋە بەزى ھايۋانلارنىڭ ھاياتلىق تارىخىدا كۆرۈلىدىغان جىنىسلىق دەۋر بىلەن جىنىسسز دەۋرنىڭ قانۇنىيەتلىك ئالمىشىپ تۇرۇش ھادىسىسى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتلىق تارىخىدا ئوخشاش بولمىان ئىككى دەۋر بولىدۇ. يەنى تاق ھەسسىلىك ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدىغان گامېتوفىت دەۋرى ۋە جۈپ ھەسسىلىك ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدىغان سپوروفىت دەۋرى. گامېتوفىت دەۋرىدىكى يەككە تەنىدە ئاتىلىق ياكى ئانىلىق كۆپىيىش ئورگىنى بولۇپ، ئاتىلىق ياكى ئانىلىق گامېتا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئاتىلىق - ئانىلىق گامېتىلار قوشۇلغاندىن كېيىن بىۋاستە يېتىلىپ گامېتوفىتقا ئايلانماي، بەلكى سپوروفىتقا ئايلىنىدۇ. سپوروفىتتا كۆپلىگەن سپورا ھاسىل قىلىش توقۇلمىلىرى بولىدۇ، بۇ توقۇلمىدىكى سپورا ئانا ھۈجەيرىلىرى سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئارقىلىق سپورىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. سپورا جىنىسلىق قوشۇلۇشتىن ئۆتمەيلا بىۋاستە يېتىلىپ گامېتوفىتقا ئايلىنىدۇ. ھايۋانلاردا دەۋر ئالمىشىش نىسبەتەن ئازراق بولۇپ، دائىم ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلاردا كۆرۈلىدۇ. گىدرا جىنىسسىز دەۋرى بولۇپ بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ، مېدۇزا جىنىسلىق دەۋرى بولۇپ، قوش جىنىسىق كۆپىيدۇ. ئۇلارنىڭ جىنىسلىق دەۋرى بىلەن جىنىسسىز دەۋرى ئوخشاشلا جۈپ ھەسسىلىك بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,تېببىي
世代交替
shì dài jiāo tì
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.