Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەۋلەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دۆلەت، سەلتەنەت؛ قۇدرەت:
بايلىق، مال - دۇنيا:
بەخت، سائادەت، ئىقبال؛ تەلەي:
1. كېچەيۇ كۈندۈز تىلەرمەن ھەقتە ئالادىن مۇراد،
بولغاسەن دەۋلەت بىلە خۇبلار ئىچىندە ئەرجەمەند.
قەلەندەر.
2. ساڭا بەرگەن بۇ دەۋلەتنى خۇدا ھېچكىمگە بەرمەپدۇر،
بېھىشتنى ئارزۇ قىلماس كىشى كىرسە سەرايىڭغە.
قەلەندەر.
3. بۇ دەۋلەت بىزگە يەتمەسمۇ مۇھەممەد ئۇممەتى قىلدى،
ئەتايى خالىقىل ئەشيئا بۇ دەۋلەتدىن ئېرۇر مەئخۇز.
شەۋقى.
4. تەلەبدە ھەمرەھ خىزرى ئىسكەندەر ئابىھەيات،
بۇ يەڭلىغ بولسە كىشى دەۋلەتى بەقا ئۇچرار.
شەۋقى.
5. چۇنان ئاشىق ۋىسالىڭ دەۋلەتىدىن ئارزۇ ئەتكەچ،
چىقىپ سەۋتۇ سەداسىدىن تۈمەن تۈرلۈك فىغان پەيدا.
شەۋقى.
6. سەدەفتەك كۆكسۈم ئىچرە گەۋھەرى ئىشقىڭ قىلىپ مەنزىل،
ۋىسالىڭ دەۋلەتىنى ئارزۇ ئەيلەپ كۆڭۈل جويا.
فىراقى.
ھۆكۈمرانلىق، پادىشاھلىق:
بەھرىمەنلىك، ئۇلۇغۇققا ئېرىشىش:
مەدەت، ياردەم؛ مەقسەت: