Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەست
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قول:
ھۆكۈم، پەرمان:
كەررە، مەرتەم، نۆۋەت:
1. شۇجائەت بابىد ابولساڭ تەھەمتەن،
بولۇبان زىرى دەستىڭ دېسە ئەسۋەد.
ئەرشى.
2.سۆيۈپ ھەم يەنە شاھنىڭ دەستىنى،
ئوقۇپ ئېردىم ئەۋۋەل ئېگىز - پەستىنى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
3. ماڭا تەشنە ئانچە بېرىپ ئېردى، دەست،
سۈمۈردۈم ھەرارەت ئىشى بولدى پەست.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قول، بىلەك؛ قېتىم، مەرتىۋە؛ يۆنۈلۈش، ئورۇن؛ تۈر، خىل، دەرىجە؛ ھالەت، كۈچ، تەسىر؛ ئىقتىدار: دەست بەرمەك - ئېرىشمەك، ئىگە بولماق، ھاسىل بولماق؛ ئشىى ئوڭغايماق؛ دەست تاپماق - قول ئۇرماق، بېجىرمەك؛ دەست بەيئەت - قول بەرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قول، كىپت.
بىراق ھېچ ئىشنى دەستىمگە ئالالمىدىم.