Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەسمايە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سودا _ سېتىققا سېلىنغان مەبلەغ.
دەسمايە غالتەككە چىقتى. بىڭچەن كۆپ بولسا، سودا چوڭ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سودا - سېتىق، تىجارەت ھۈنەر - كەسىپ، قىمار قاتارلىقلاردا سېلىنغان ئاساسىي مەبلەغ.
قېنى ئېيتىڭا، سىزنىڭ سودىگەرچىلىك دەسمايىڭىز نەدىن كەلگەن، بۇنىڭ ھېسابى، پايدىسى توغرىسىدا قاچان ئېغىز ئاچىسىز؟
قول ئىلكىدىكى بار نەرسىلەر.
ئۇ دادىسىدىن قالغان دەسمايىنى يەپ تۈگەتكەنلىكى ئۈچۈن تاغار، خۇرجۇن، پالاس دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ توقۇپ كۆردى.
كۆچمە. بىرەر ئىشنى ئېلىپ بېرىشتا پايدىلىنىدىغان قۇلايلىقلىق، ۋاسىتە.
دەللالنىڭ دەسمايىسى يالغانچىلىق (ماقال).
كۆچمە. ئۈستۈنلۈك، ئارتۇقچىلىق، بىڭسى.
گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندىمۇ، بىر نەزەر سېلىپ قويغۇچىلىك دەسمايەڭ بولمىغاندىكىن كىمدىن ئاغرىنالايتتىڭ.
كۆچمە. تۆھپە، شان - شەرەپ.
كونا دەسمايىنى يەپ يېتىۋەرمەي، يېڭى خىزمەت كۆرسىتىڭلار.