Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەسلەپكى چاغلاردىكى فىقھە ئېقىمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى رايون خاراكتېرلىك فىقھە ئېقىملىرىنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ، <قەدىمكى زامان فىقھەلىرى> مۇ دېيىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىدىكى تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمىدىن بۇرۇن، Ⅷ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە بارلىققا كەلگەن. رايونلارنى مەركەز قىلىپ، ئىراق ئەھلى فىقھە (كۇفە، بەسرەدە)، ھىجاز ئەھلى فىقھە (مەككە، مەدىنىدە) ۋە سۈرىيە ئەھلى فىقھە (دەمەشىقتە) بولغان. مىسىردا دەسلەپ مۇستەقىل ئەھلى فىقھە شەكىللەنمىگەن، فىقھە ئىدىيىسىدە مەدىنىدىكى ئەھلى فىقھەنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. دەسلەپكى چاغلاردىكى فىقھە ئېقىمى تەقۋادار ئۆلىمالاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇمەۋىيە سۇلالىسىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دەھرىيىلىك خاھىشىدىن نارازى بولۇپ، سوتنىڭ ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە شەرىئەتنىڭ ئەسلىي روھى ئەينەن ئىپادىلەنمىدى. دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇلار جايلاردكى مەسچىتلەرنى مەركەز قىلىپ، تارقاق ئىلمىي تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشتى. سۇلالە ھاكىمىيىتىگە پات - پات ھۇجۇم قىلىپ، ئەمەل قىلىنىدىغان دىنىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۆلچىمى قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇلار <قۇرئان كەرىم> دىكى ئەھكاملارنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئۇمەۋىيە سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەمۇرىي قانۇنلارنى ۋە ئۆرپ - ئادەتلەرنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۇرغۇن پاكىتلارنى توپلاپ، شەرىئەتنىڭ دەسلەپكى تەلىماتىنى ۋە ئەمەلىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇنداق يەرلىك ئىلمىي تۈسكە ئىگە بولغان پائالىيەتلەر كېيىنكى فىقھە ئىلمىنىڭ سىستېمىلىشىشىغا ۋە قېلىپلىشىشىغا ئىدىيىۋى ئاساس سېلىپ بەردى، شۇڭا بۇ فىقھە <فەقىھلەرنىڭ فىقھەسى> دەپمۇ ئاتالدى. دەسلەپكى چاغلادىكى فىقھە ئېقىمى شەرىئەتتىكى ئىجتىھاد، شەرھى پائالىيەتلىرىدە شەرىئەتنى ئۇمەۋىيە سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدلىيە ئەمەلىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئىنكار قىلىش يۆنىلىشى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەرىئەتنىڭ ئەمەلىي مەنبەسىنى يېپىپ قويدى.