Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德属东非
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقا
ھامىيلىقتىكى شەرقىي ئافرىقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيەنىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. تانگانىكا، رۇۋاندا ۋە بۇروندىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1884 - يىلدىن ئېتىبارەن، گېرمانىيەنىڭ شەرقىي ئافرىقا شىركىتى بۇ رايونلاردىكى قەبىلە باشلىقلىرىنى بىر قاتار <ھامىيلىق> شەرتنامىلىرىنى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان. 1890 - يىلى گېرمانىيە يۇقىرىقى رايونلارنى قوشۇۋېتىپ، ئۇنى ھامىيلىقىدىكى شەرقىي ئافرىقا قىلىۋالغان. گېرمانىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان. خەلقئارا بىرلەشمە رۋاندا - بۇروندىنى بىلگىيەنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق يېرى قىلىشنى، كىئونگا دېلتىسى رايونى پورتۇگالىيىگە قاراشلىق موزامبېككە تەۋە بولۇشنى، تانگانىكانى ئەنگلىيەنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق يېرى قىلشىنى قارار قىلغان.