Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەرك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پەم، ئىداراك بىلەن تېپىش، ھېس قىلىش، سېزىش، پەملەش، پەم قىلىش، چۈشىنىش، بىلىش، ئىداراك، ئەقىل:
بارچە ئىسيان ئەھلىگگ سەندىن دۇئا، مەندىن نىجات،
رىفئەتىڭ دەركىدە ئانداغ خەير كەلدى مۇدرەكات.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پەم ۋە ئىدراك بىلەن تاپماق، سەزمەك، ئاڭقىرماق، بىلمەك: دەرك ئەتمەك - پەم ۋە چۈشەنچە بىلەن تاپماق، سەزمەك: ئەھلى دەرك - ئىدراك ۋە چۈشەنچە ئىگىلىرى.