Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەرد ئەلەم
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
روھىي ۋە جىسمانىي ئازاب - ئوقۇبەت، قاتتىق قىينىلىش.
ئويۇن - تاماشا، ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپا
ھۇزۇر - ھالاۋەتلىك، ئىش - ھەرىكەت.
ئەمگەكسىز ئويۇن - تاماشا - تۇز سېلىنمىغان بولكا. ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىش - ئەقىل - ئىدراكنىڭ ھالال بولۇشى. كەيپ - ساپاغا بېرىلىش - مىللىي ئاجىزلىقنىڭ باشلىنىشى. غەم - قايغۇڭ دېڭىزدەك بولسىمۇ، جاسارىتىڭ بولسا، ئۇتىسەن. بىز شادلىق يولىدا كۆرۈشتۇق، شادلىق يولىدا ماڭىمىز، شۇڭا بىزنىڭ ئىشىمىزغا ھەسرەت - نادامەت ئارىلىشىپ قالمىسۇن.
دەرد - ئەلەملەر كېلىدۇ،
ئوغۇل بالانىڭ باشىغا.
سايدا تۈگمەن چۆگىلەر،
كۆزدىن ئاققان ياشىغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دەرد، ئەلەم ۋە شۇ خىلدىكى روھىي ئازابلار.
قىز گويا ھەممە دەرد -ئەلىمىنى كۆز ياشلىرى بىلەنلا چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك ئېزىلىپ يىغلىماقتا ئىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كشىنىڭ پىكرى _ خىيالىنى چاچقان روھىي ئازاب، قىيىن _ قىستاق.
كۆرمەيىن باستىم تىكەننى، تارتادۇرمەن دەردىنى، كۆرسەم ئەردىم، باسماس ئەردىم، تارتماس ئەردىم دەردىنى. ئىلىم يولىدا ئەلەم چەككەن ئادەم، ئەلەم ئەمەس، بەخىتكە قويىدۇ قەدەم. دەرد _ ئەلەملەر كېلىدۇ، ئوغۇل بالانىڭ باشىغا، سايدا تۈگمەن چۆرگىلەر كۆزدىن ئاققان ياشىغا.