Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەپسەندە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەسسەپ _ يانچىپ يوقاتماق، خارلىماق.
« قىلماق »، « بولماق » بىلەن پېئىللىشىدۇ.
گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى دەپسەندە قىلغانىدى. ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىدىغانلارنى قانۇن بويىچە جازاغا تارتىش لازىم. پايمال بولماي دېسەڭ پاك بول.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
قىسقا قونجىلىق پىيما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاياغ ئاستى.
داۋانچىڭدىن ئۆتكەندە، بايانخۇغا يەتكەندە، چېرىكىڭگە مىڭ لەنەت، ئەجەپ قىلدى دەپسەندە.