Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
灯剧染色体
بىئولوگىيە
لامپىسىمان چوتكا شەكىللىك خروموسوما
ئالاھىدە شەكىللىك بىر خىل ئىككى ۋالېنتلىق زور خروموسوما بولۇپ، <چوتكا شەكىللىك خروموسوما> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قوش ماكانلىقلار قاتارلىق بەزى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسىنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ قوش يىپلىق مەزگىلىدە پەيدا بولىدۇ. ئوخشاش مەنبەلىك ئىككى تال خروموسوما كۆپ ئورۇنلىرىدىن كېسىشىدۇ، خروموسوما ئاساسىي ئوقىدا نۇرغۇنلىغان خروماتىنلار تارقالغان بولۇپ، ماس ھالدىكى ھەر ئىككى دانە خروماتىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى يېنىغا قارىتا جەمئىي تۆت تال يان ھالقا چىقارغانلىقتىن، ئوپتىك مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە ئىككى ۋالېنتلىق خروموسومىنىڭ پۈتكۈل قىياپىتى چوتكىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆزىتىلىپ تەتقىق قىلىنىشىغا ئاساسەن بۇ يان ھالقىلارنىڭ RNA نىڭ سىنتېزلىنىشى دەل جانلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە ئاقسىللارنىڭ يىغىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. سىنتېزلانغان RNA سىتوپلازمىدا ساقلىنىپ، كېيىن تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.