Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
等级君主制
قانۇن
děng jí jūn zhǔ zhì
تەبىقە پادىشاھلىق تۈزۈمى، تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈم
دۇنيا تارىخى
تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈم
يەنە تەبىقە ۋەكىللىك پادىشاھلىق تۈزۈم دەپمۇ ئاتالغان. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادىكى پادىشاھلارنىڭ تەبىقە ۋەكىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردىمىدە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان بىر خىل ھاكىمىيەت شەكلى. ئاساسىي تەبىقە ۋەكىللىك ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى تۆۋەندىكىچە بولغان: ئىسپانىيە پارلامېنتى (ⅩⅡ ئەسىردە)، ئەنگلىيە پارلامېنتى (1265-يىلى) ۋە فرانسىيىنىڭ ئۈچ دەرىجىلىكلەر كېڭىشى (1302-يىلى). تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈم باسقۇچىدا، پادىشاھ ھاكىمىيىتى شەھەر ئاھالىسى ۋە ئوتتۇرا، ئۇششاق فېئوداللارغا تايىنىپ چوڭ فېئوداللار بىلەن كۈرۈش قىلىش جەريانىدا ئەدلىيە ھوقۇقى، ھەربىي ھوقۇق قاتارلىقلارنى پەيدىنپەي مەركەزلەشتۈرگەن، ئەمما فېئوداللار ۋە شەھەر پارلامېنتىنى ئەگىپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە باج تۆلىگۈچىلەر - دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىسىدىن باج ئالالمىغان، شۇڭا تەبىقە ۋەكىللىك ئاپپاراتىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيىسى پادىشاھ ئالىدىغان باجنى تەستىقلاش ۋە ئۇنى تەقسىم قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق ئاپپاراتلار بەزىدە مەلۇم خىل قانۇن تۈزۈش فۇنكسىيىسىگىمۇ ئىگە بولغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىن، پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈم تەدرىجىي ھالدا تەبىقلىق پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى ئالغان.