Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەللە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
جادۇگەر، ھىيلىگەر، ھەييار خوتۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خوتۇن - قىزلارنى بۇزۇقلۇققا باشلىغۇچى.
ئۆيۈڭگە يولاتما قېرى دەللىنى، كىرىپ - چىقىپ بۇزىدۇ پەللىنى. تاسمىچى ئەسكىلىكنىڭ بېشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سەلب. ئەر - ئاياللارنى تېپىشتۇرۇش، ئۇچراشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئايال؛ دەللال.
ھاكىم خوتۇنىنىڭ قېشىغا كىرگەنىكەن، ئۇ خوتۇن ئېرىگە دەللە ئۆگەتكەن سۆزلەرنى ئېيتىپ، ئېرىنى قېشىغا يېقىن يولاتماپتۇ.
تىل ھا. قېرى ئەبلەخ، بۇزۇق.
- مېنى ئاچتىن ئۆلتۈرۈشنى ئويلاۋاتامسەن، ھوي دەللە! - ۋارقىرىدى موللام.