Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەلىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھۆججەت، ئىسپات، ئاساس؛ گۇۋاھ:
باشقۇغۇچى؛ يول باشلىغۇچى؛ يېتەكچى:
1. يوق مەكانىڭ كۆزۈمگە پىنھان سەن،
بارلىقىڭغە دەلىل ھەمە ئافاق.
شەۋقى.
2. دەلىل ئولدى خىزىر يەڭلىغ تۇتۇپقول،
ئۇ يەردىن بىر تەرەفكە باشلادى يول.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاساس، ھۆججەت؛ يول باشلىغۇچى: دەلىل بولماق - يېتەكچىلىك قىلماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش ھەرىكەتنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلايدىغان پاكىت.
شەيتانغا كېرەك بولسا قۇرئاندىن دەلىل كەلتۈرەر. گەپكە ئۇستىلىق ھەقىقىي بىلىملىكنىڭ ئىسپاتى بولماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم بىر ئىش، ۋەقە، ھادىسە ياكى ئوي - پىكىرنىڭ راسىت، توغرا ئىكەنلىكنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان رېئال ئەھۋال ۋە ئەمەلىي نەرسە.
بۇ بىچارىنىڭ روھى ۋە جىسمانىي ھالىتى ئەنە شۇنداق پىتنە - پاساتلارغا ئېنىق دەلىل بولۇپ تۇرغاندەك قىلاتتى.
توغرا خۇلاسە، يەكۈنگە ئېرىشىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساس، پاكىت، ئىسپات، ھۆججەت.
ئۇ ئۆزىنىڭ پاك - پاكىزلىقىنى ئىسپاتلىيالىغۇدەك دەلىلگىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدى.