Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德雷福斯案件
دۇنيا تارىخى
دېرېفۇس دېلوسى
فرانسىيە ھەربىي دائىرىلىرى يەھۇدىي ئوفىتسېر دېرېفۇسقا قارا چاپلىغان دېلو. 1894-يىلى فرانىيە باش شتابىدىكى ستارشىي لېيتېنانت دېرېفۇس (1859 - 1935) مەخپىي ھەربىي ھۆججەتنى گېرمانىيىگە ساتقان دەپ قارىسىغىلا ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپ، فرانسىيىگە قاراشلىق گۋىئانادىكى ئالۋاستى ئارىلىغا قاماپ قويۇلغان. ئەكسىيەتچىلەر شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەت قوزغاپ، گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەرغىپ قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشقان، لېكىن فرانسىيە دائىرىلىرى بۇ خاتا دېلونى تۈزىتىشنى رەت قىلىپ، ھەقىقىي جىنايەتچى مايۇر ئەسىكاسنى گۇناھسىز دەپ جاكارلىغان، بۇ ھال ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 1898-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاتاقلىق يازغۇچى زورا <تەۋرەش> گېزىتىدە <مېنىڭ شىكايتىم> دېگەن جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭىغا يېزىلغان ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلىپ، ئادالەتنى ياقلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، فرانسىيىدىكى دېموكراتىك كۈچلەر(درېفۇسچىلار) ئەسكىيەتچى كۈچلەر (درېفۇسقا قارشى تۇرغۇچىلار) كەسكىن كۈرەش قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي كرىزىس پەيدا بولغان. 1899-يىلى قۇدرەتلىك جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى بىلەن، فرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ دېلونى قايتا سوت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە زۇڭتۇڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پەۋقۇلئاددە كەچۈرۈم قىلىنغان. 1906-يىلى ئالىي سوت مەھكىمىسى درېفۇسنى گۇناھسىز دەپ جاكارلاپ، ئۇنىڭ نامىنى ۋە ھەربىي ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇ دېلو فرانسىيە كاپىتالىستىك جەمئىيىتىنىڭ زۇلمەتلىكلىكىنى ۋە دېموكراتىيىنىڭ ساختىلىقىنى ئاشكارىىلغان.