Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德波互不侵犯条约
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە - پولشا ئۆزئار تاجاۋۇزچىلىق قىلىشماسلىق شەرتنامىسى
تولۇق ئاتىلىشى <گېرمانىيە بىلەن پولشا ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ۋە يارىشىپ قېلىش خىتابنامىسى>. گېرمانىيە بىلەن پولشا 1934 - يىل 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بېرلىندا ئىمزالىغان، شۇ يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونلىرى: شەرتنامىنى ئىمزالىغان ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش - تارتىشنى قورال كۈچىنى ئىشلەتمەي، تىنچ يول بىلەن كېڭىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارە. شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن فرانسىيەنىڭ شەرقىي ياۋرۇپادىكى ئىتتىپاق سىستىمىسىنىڭ يوچۇقى ئېچىلىپ، تۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان شەرق ئەھدىنامىسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلگەن. 1939 - يىل 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى گېرمانىيە پولشانىڭ ئەنگلىيەگە ياردەم بېرىش مەجبورىيىتىنى ئۆز ئۈسىتگە ئېلىشى ئەنگلىيە - گېرمانىيە توقۇنۇشىدا <گېرمانىيىگە تاجاۋۇز قىلىشقا قاتنىشىش> قا تەييارلىق قىلغانلىق دېگەننى باھانە قىلىپ، مەزكۇر شەرتنامىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.