Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德奥同盟条约
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە - ئاۋسترىيە ئىتتىپاق شەرتنامىسى
<ۋېنا شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1879 - يىلى گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ۋېنادا تۈزگەن مەخپىي ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، گېرمانىيە بىلەن روسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشقان. ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا بالقان رايونىدا كەسكىن زىددىيەت بولغان. روسىيىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، فرانسىيىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە 1879 - يىل 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ۋېنادا بۇ شەرتنامىنى ئىمزالىغان. شەرتنامىدە: شەرتنامىنى ئىمزالىغان بىر تەرەپ مۇبادا روسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئىككىنچى تەرەپ ئۇنىڭغا ھەربىي ياردەم بېرىشى كېرەك؛ ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان چاغدا، شەرتنامىنى ئىمزالىغان يەنە بىر تەرەپ بىتەرەپ تۇرۇشى لازىم. ئەگەر تاجاۋۇز قىلغۇچى دۆلەت روسىيەنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولغاندا، بىتەرەپ مەيدانىدىن ئۆزگىرىپ، پائال ياردەم بېرىشى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىتتىپاق شەرتنامىسىنىڭ قەرەلى بەش يىل بولغان، ئەگەر ئىككى تەرەپ بۇ شەرتنامىنى بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىمىسا، ئۇنىڭ قەرەلى ئۆزلۈكىدىن ئۈچ يىل ئۇزارتىلىدىغان بولغان. كېيىن بۇ شەرتنامىنىڭ قەرەلى قايتا - قايتا ئۇزارتىلغانلىقتىن، ئەمەلىيەتتە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇلغان.