Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىدېرو
دۇنيا تارىخى
(1713 - 1784) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، يازغۇچى ۋە مەرىپەتچى مۇتەپەككۇر. قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. قانۇنشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن. ئاتىئېزملىق ئەسەرلەرنى يازغانلىقى تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل تۇتقۇن قىلىنغان. 1751-يىلى <قامۇس> نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولىسمۇ، ئىرادىسىدىن قايتماي 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ گىنىئال ئەسەرنى ئاخىر يېزىپ پۈتتۈرگەن. 1773 - 1774-يىللىرى چار پادىشاھى يىكاتېرىنا Ⅱ نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن روسىيىدە زىيارەتتە بولغان. ئەينى زاماندا تەبىئىي ەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيانىڭ ماددا ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر قانچە دىئالېكتىكا ئامىلىغا ئىەگ مۇھاكىمە ئلىپ بارغان ۋە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. <ھەر خىل سۈپەتلىك مولېكۇلىلار تەلىماتى> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماددىنىڭ ئەڭ كىچىك زەررىچىلىرى (مولېكۇلا) لىرىنىڭ سۈپەت ۋە مىقدار جەھەتتىكى پەرقى ماددىنىڭ كۆپ خىللىقىنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئانئورگانىك دۇنيا مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا ئورگانىك دۇنياغا ئايلىنىدۇ. ھەممە نەرسە يېڭىلىنىپ - ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مۇتلەق جىمجىتلىق بولمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ بىلىشى - تۇيغۇ تەجرىبىلىرىدىن باشلىنىدۇ، بىلىش ئۇسۇلى تەبىئەتنى كۆزىتىش، تەبىئەت ئۈستىدە پىكىر قىلىش ۋە ئۇنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بىلىش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە، قانۇنچىلارنىڭ كەشپىياتى تۈپەيلىدىن، كىشىلەرنى تەبىئىي ھالەتتىن ئايرىلىپ جەمئىيەت بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ھەر قايسى ئەللەردىكى شارائىت ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن پادىشاھلىق تۈزۈمى بىلەن دېموكراتىك تۈزۈمى پەرقى كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن پەقەت خەلقلا ئىگىلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى، دۆلەت خەلققە بەخت يارىتىپ بېرىش كېرەك؛ قانۇن ھەممىگە قادىر، پۇقرالار قانۇن ئالدىدا باپباراۋەردۇر، فېئوداللىق كونا قانۇننى تۈپ ئاساسىدىن ئىسلاھ قىلىش كېرەك، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يېقىنقى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ يولباشچىسى. ئۇنىڭ <پەلسەپىۋى پىكىر خاتىرىلىرى>، <تەبىئەت توغرىسىدا ئىزاھلار>، <راھىبە>، <رامۇنىڭ جىيەن ئوغلى>، <دالامبېرنىڭ چۈشى>، <دالامبېر بىلەن دىدېرونىڭ سۆھبىتى>، <ماددا ۋە ھەرىكەتنىڭ پەلسەپىۋى قائىدىلىرى توغرىسىدا> قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.