Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىڭ بۇلىڭ
دۇنيا تارىخى
(923 - 979) ۋيېتنام دىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. تارىختا دىڭ شيەنخۇاڭ دەپ ئاتالغان. خۇەنجۇنىڭ ئايماق بېگى دىڭ گۇڭجۇنىڭ ئوغلى. دەسلەپتە 12 ئايماق بېگىنىڭ بىرى بولغان چېن مىڭگۇڭ قوشۇنىدا لەشكەر بېشى بولغان. كېيىن ئۇنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ 12 ئايماقنى يوقىتىپ، مىلادى 968-يىلى داچۈيۆ دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئۆزىنى <دانا، غالىب شاھ> دەپ ئاتاپ، خۇالۇي (ھازىرقى نىڭپىڭ) نى پايتەخت قىلغان. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان چاغدا، مەمۇرىيەت، ھەربىي تەشكىلاتلارنى تەرتىپكە سېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئون ئۆلكىگە بۆلۈپ ھەربىر ئۆلكىدە ئون قوشۇن ئورۇنلاشتۇرغان. ئون ئۆلكىنىڭ سانغۇىنى ئەڭ ئالىي قوماندان قىلىپ بېكىتكەن. قاتتىق جازا ۋە قانۇن ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىقنى قوغدىغان. سۇڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، 973-يىلى ھىندىچىنى خانى دېگەن نامغا ئېرىشكەن، 979-يىلى ئوغلى دىڭ ليەن بىلەن بىللە ياساۋۇل دۇسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئىككىنچى يىلى دىڭ سۇلالىسى لى خۇەن تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.