Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
打制石器
دۇنيا تارىخى
ياسالغان تاش قوراللار
ئارخېئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي تاشلارنى چېقىپ چىقارغان تاش دانىچلىرى ياكى تاش پارچىلىرىدىن پايدىلىنىپ ياسىغان مۇئەييەن شەكىلدىكى تاش قوراللارنى كۆرسىتىدۇ. ياساش ئۇسۇلى ئومۇمەن <چوقۇپ ياساش ئۇسۇلى>، <ئۇرۇپ - تېشىپ ياساش ئۇسۇلى>، <سوقۇپ - يانجىپ ياساش ئۇسۇلى> دىن ئىبارەت. كېيىنكى مەزگىللەردە <ۋاسىتىلىك ئۇرۇپ - ياساش ئۇسۇلى> قوللىنىلىپ، نېپىز ھەم ئۇزۇن ياش پارچىلىرىغا ئىگە بولغان. خىللىرىدىن چېپىش - يانجىش قورالى، يونۇش قورالى، ئۇچلۇق شەكىللىك قورال قاتارلىقلار بار، بۇلار قەدىمكى تاش قوراللار دەۋرىدىكى مۇھىم ئىشلەپ چىقىرىش قوراللىرى بولۇپ، تاكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىمۇ يەنىلا كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن.