—مەنبە
دېڭىز قامىسى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
دېڭىز - ئوكيانلاردىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى غايەت زور مەخلۇقلار بولۇپ، پەقەت دېڭىز قامىسىلا ئەڭ كىچىك. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن1 مېتىر، ئېغىرلىقى40 نەچچە كىلوگرام. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇققا ئېرىشىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئالاھىدە.
دېڭىز قامىسىنىڭ بېشى كىچىك، گەۋدىسى سېمىز، يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك؛ ئالدى پۇتى قىسقا، ئارقا پۇتى ئۇزۇن، پالاقسىمان، سۇ ئۈزۈشكە ۋە سۇغا چۆكۈشكە ماھىر، كۆپىنچە دېڭىز كىرپىسى، دېڭىز قۇلۇلىلىرىنى يەيدۇ. ئۇ دېڭىز كىرپىسىنى تېپىۋالغاندا، ئىككى قولىغا بىردىن دېڭىز كىرپىسىنى ئېلىۋېلىپ، بىر - بىرىگە كۈچەپ ئۇرۇپ، دېڭىز كىرپىسىنىڭ قېپىنى چېقىپ، ئاندىن ئىچكى ئەزالىرىنى شورىۋالىدۇ. دېڭىز قامىسى دېڭىز قۇلۇلىلىرىگە ئوخشاش قاتتىق قېپى بار يېمەكلىكلەرنى تېپىۋالسا دېڭىز ئاستىدىن تاش ئالغاچ چىقىپ، دېڭىز قۇلۇلىسى بىلەن قوشۇپ ئالدى پۇتىنىڭ ئاستىدىكى بوش تېرە خالتىسىغا قىستۇرۇۋېلىپ، سۇ ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن دەرھال ئوڭدىسىغا ئۈزىدۇ، ئاندىن تاشنى سەندەل قىلىپ، دېڭىز قۇلۇلىسىنى سەندەلگە ئۇرۇپ چېقىپ گۆشىنى يەيدۇ. بەزىلەرنىڭ كۆزىتىشىچە، بىر دېڭىز قامىسى بىر يېرىم سائەت ئىچىدە54 دانە مىتىلۇس قۇلۇلىسىنى يىغىپ كېلىپ، تاشقا2237 قېتىم ئۇرۇپ چاققان، شۇ ئارىلىقتا سۇغا بىرقانچە قېتىم چۆكسىمۇ ئىلگىرى ئىشلەتكەن تاشنى تاشلىۋەتمەي ئېلىپ چىققان.
دېڭىز قامىسى قىرغاققا يېقىن خادا تاشلار بار جايدا تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەرىكەت دائىرىسى بىرقەدەر تۇراقلىق بولىدۇ. دېڭىز قامىسى كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ، كۈن پاتقاندا ئارام ئالىدۇ. ئۇنىڭدا بىر خىل ناھايىتى قىزىقارلىق ئادەت بار بولۇپ، دېڭىز يۈسۈنلىرى توپلىشىپ ئۆسكەن جاينى تېپىپ ئۇخلاشقا ئامراق. ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا سۇ يۈزىدە يۇمىلىنىپ، دېڭىز يۈسۈنلىرىنى بەدىنىگە يۆگىۋالىدۇ، بەزىدە قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەندە دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئېقىتىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەتتا ئالدى پۇتى بىلەن دېڭىز يۈسۈنلىرىنى تۇتۇۋالىدۇ. دېڭىز قامىسى توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇخلىغاندىمۇ بىر - بىرىگە ناھايىتى يېقىن تۇرىدۇ، يەنە بىرقانچە دېڭىز قامىسى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەگەر بىرەر ئەھۋال يۈز بەرسە دەرھال كۈچلۈك چىرقىراپ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدۇ.
دېڭىز قامىسىنىڭ يۇڭلىرى ئىنتايىن قويۇق بولىدۇ، بولۇپمۇ دۈمبىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇڭلىرى تېخىمۇ قويۇق بولىدۇ، ئۇنىڭ يۇڭى «تېرە شاھى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇلغۇن تېرىسىدىن تۆت ھەسسە قويۇق بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك. ئۇ ئۆزىنىڭ تېرىسىنى ناھايىتى ئاسرايدۇ، قورسىقى تويغاندىن كېيىن ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇڭلىرىنى تۈجۈپىلەپ تارايدۇ، يۇيۇپ تازىلايدۇ. دېڭىز قامىسىنىڭ تېرە ماي بېزى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، پۈتۈن تېنىدىكى يۇڭىدا بىر قەۋەت ئۆزى ئاجرىتىپ چىقارغان سۇدىن ساقلانغۇچى ماددىسى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دېڭىزدا ياشاپ تۇرۇپ بىر تامچىمۇ سۇ يۇقتۇرمايدۇ.
دېڭىز قامىسى پەقەت شىمالىي تىنچ ئوكيانغىلا تارقالغان.