Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
دائىم يېشىل تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان
بىئولوگىيە
常绿阔叶林
chánglǜkuòyèlín
جۇڭگونىڭ سۇبتروپىك بەلباغ رايونىغا تارقالغان ۋەكىللىك خااكتېرىدىكى ئورمان يېپىنچا تۈرى. بۇ خىل ئورمان تۆت پەسىلدە يېشىل تۇرىدۇ، رەڭگى قېىنق يېشىل، يۇقىرىقى قەۋەت ئورمان تاجى يېرىم شارسىمان، ئورمان تاجى رەتلىك بولىدۇ. بۇنىڭغا قاسىراقلىقلار ئائىلىسى، كامفورا ئائىلىسى، كامېلىيە ئائىلىسى، ماگنولىيە ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ تۈرىدىكىلەر تىپىك مىسال بولالايدۇ. تۈركۈمنى تۈزگۈچى تۈر ئېنىق، قەۋەتلەرگە بۆلۈنۈشى ئېنىق، دەرەخ 1 - 2 قەۋەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدا چاتقال ۋە سامان غوللۇق قەۋەت بولىدۇ، پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سامان غوللۇقى ئاساس، ياغاچ غوللۇقى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ؛ يېپىشىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەردە مۇخ، لشاينىك ئاساس يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. دائىم يېشىل تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلىقتا ئىنتايىن كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى بولىدۇ. مەسىلەن، كامفورا، چارتال دەرىخى ماخىلۇس دەرىخى، كاشتان قاتارلىقلار.