Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
大西洋关系宣言
دۇنيا تارىخى
ئاتلانتىك ئوكيان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا خىتابنامە
ئامېرىكا بىلەن غەربىي ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى خىتابنامە. 1974-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا رەسمىي ئىمزالانغان. خىتابنامىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر «ئورتاق مۇداپىئە ئىشلىرى» نى كۈچەيتىشى، ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا رايونىدا دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپىگە ئېتىبار بېرىشى ھەمدە بۇ خەۋپلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشى لازىم دەپ تەكىتلەنگەن؛ يەنە «دوستلۇق، باراۋەرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق روھى»، «يېقىندىن مەسلىھەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش» نى ساقلاش تەكىتلەنگەن. خىتابنامە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ياۋروپانى تالىشىشنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ئۆزىنىڭ غەربىي ياۋروپادىكى ئورنىنى ساقلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇش يۈزىسىدىن تەكلىپ بېرىش ئارقىسىدا تۈزۈلگەن. غەربىي ياۋروپا بولسا، ئامېرىكا بىلەن «باراۋەر ھەمراھلىقى مۇناسىۋىتى» ئورنىتشنى تەلەپ قىلىپ، «ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى» نىڭ دۇنيادىكى رولىنى ئېتىراپ قىلغان.