Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
داۋىنكى
دۇنيا تارىخى
达.芬奇
dá .fēn qí
(1452 - 1519) ئىتالىيىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى رەسسام، تەبىئىي پەنە ئالىمى، ئىنژېنېرى ۋە پەيلاسوپى. فلورېنسىيە شەھىرى يېنىدىكى ۋىنكى دېگەن بازاردا دۆلەتمەن گۇۋاھچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ياش ۋاقتىدىلا فلورېنسىيە شەھىرى يېنىدىكى ۋىنكى دېگەن بازاردا دۆلەتمەن گۇۋاھچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدىلا فلورېنسىيە شەھىرىدىى رەسسام ۋېروكىئو (1434 - 1488) نىڭ رەسمخانىسىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھەقىقىي سەنئەت ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن، ئوپتىكا، مېخانىكا، گېئولوگىيە، بىئولوگىيە، ئادەم ئاناتومىيىسى ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق بىر مۇنچە پەننى كەڭ تەتقىق قىلغان ۋە بۇلارغا ئائىت رەسىملەرنى سىزىپ چىققان. يەنە بىنكارلىق سەنئىتىگە پىششىق بولۇپ، كۆپلىگەن ماشىنىلارنى، جۈملىدىن ئۇچۇش ئەسۋابىنى لايىھىلىگەن. رەسسام ۋەئارخىتېكتور بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى - كېيىن مىلاندىكى سىفورزا جەمەتى، فلورېنسىيىدىكى مېدىكى جەمەتى، رىم پااسى ۋە فرانسىيە كورۇلىغا يالانغان. كېيىن فرانسىيىدە قازا قىلغان. 7000 بەتتىن ئارتۇق قول يازما قالدۇرۇپ كەتكەن، <ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق> ۋە <مونالىسا> ۋەكىللىك خاراكېتىرىگە ئىگە ئەسەرلىرى بولۇپ، ئالدىنقىسى مىلاندىكى سان مارىيە ئىبادەتخانىسى سەدىقە تاماقخانىسى ئۈچۈن سىزپ بەرگەن تام رەسىمى. ئۇنىڭدا ئەيسانىڭ خائىن يودا تەرىپىدىن سېتىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىنجىلدىكى ھېكايە ماتېرىيال قىلىنغان. كېيىنكىسى فلورېنسىيىدىكى بىر چوكان ئۈچۈن سىزىلغان سۈرەت بولۇپ، ھازىر پارىژ شەھىرىدىكى لوففىل مۇزېيىدا ساقلانماقتا. بۇلاردىن باشقا يەنە <رەسىم نەزەرىيىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.