Uyghurئاساسىي لۇغەت
داۋىد
دۇنيا تارىخى
ئىسرائىلىيەيەھۇدى پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى(تەخمىنەن مىلادىدىن 1000-960 يىل ئىلگىرى). ئەسلى يەھۇدى قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئىدى. ئۇ سائۇلنىڭ ئىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، پىلىستىنلارنى يېڭىپ، شىمالدىكى ئىسرائىلىيىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىسرائىلىيەيەھۇدى پادىشاھلىقىنى قۇرغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىپ دائىمىي ئارمىيە قۇرۇپ ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قەبىلە(مۇئالار،ئاممىنىلار) گە قارشى جەڭ قىلغان؛ ئېروسالىم پايتەخىت قىلىنىپ سەلتەنەتلىك ئوردا، يەھۋا ئىبادەتخانىسى سېلىنىپ، مەملىكەت بويىچە دىنىي ئېتىقادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان.<تەۋرات>تائۇ پەلەستىنلىكلەرنى مەغلۇپ قىلغان باتۇر، ئىسرائىلىيە يەھۇدىينى بىرلىككە كەلتۈرگەن دانىشمەن پادىشاھ دەپ تەسۋىرلەنگەن ھەمدە خۇداغا ئاتاپ مەدھىيە ناخشىسىنى توقۇيدىغان مۇزىكانت ۋە شائىر دەپ ماختالغان.(2)ياكۇيس لۇئىس داۋىد(1748-1825)،فرانسىيىلىك كلاسسك رەسسام، سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ كىچىكىدىن تارتىپلا رەسىم سىزىشقا ئىشتىياق باغلىغان. ياش ۋاقىتىدا ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرىدە<ئاكا ئۇكا كىلاسلارنىڭ قەسىمى> دىگەنگە ئوخشاش تارىخىي قەھرىمانلار ئاساسىي تېما قىلىنغان، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە خەلق پارلامىنتىنىڭ ئەزاسى، ئامانلىق ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىللى مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، كورۇلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدە ئاۋاز بەرگەن. 1793-يىلى رېئال تېمىدىكى مەشھۇر ئەسەرـ<مالانىڭ ئۆلۈمى>نى سىزىپ چىققان. تۇمۇز ئايدىكى سىياسى ئۆزگىرىشتە قولغا ئېلىنىپ،تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە خىزمەت ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1795-يىلدىكى چوپان ئاي قوزغىلىڭىدىن كېيىن يەنە قولغا ئېلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشمايدىغان بولۇۋالغان. ناپالېئون ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە ئوردا رەسسامى بولغان ۋە ناپولېئوننى مەدھىيلەيدىغان<تاج كىيىمى مۇراسىمى>ۋە<بايراق تەقدىم قىلىش مۇراسىمى> قاتارلىق رەسىملەرنى ئىجاد قىلغان. بۇربون خاندانلىقى قايتا تىرىلگەن مەزگىلدە كەچۈرۈشنى رەت قىلغانلىقتىن، برۇسسېلغا قېچىپ بېرىپ، يېڭى كلاسسىك ئىجادىيەت بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان.