Uyghurئاساسىي لۇغەت
داستان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تارىخ؛ ھېكايە، قىسسە، داستان:
كۈلەر ئېردىم بۇرۇن فەرھادى مىسكىن داستانىغە،
بۇ شىرىندۇركى ئانىڭ بىرلە - ئوق ھەم داستان بولدۇم.
بابىر.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شېئىرىيەتتىكى ىرىك ئېپىك تۈر بولۇپ، پەيدا بولۇش تارىخىي ناھايىتى ئۇزاق.
داستانلاردا مۇكەممەل سۇژېت بولىدۇ، پېرسوناژلارنىڭ روشەن ئوبرازى يارىتىلىدۇ، كومپوزىتسىيىسى زىچ، جىپسىلىشچانلىققا ئىگە قىلىنغان ھالدا تەشكىللىنىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ، باش تېمىسى چوڭقۇر بولىدۇ.
داستانلار پروزىدىكى رومان، پوۋېستلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بولغان. لېكىن، ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە ئۇ يەنىلا ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، تېما، شەكىل قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ راۋاجلانماقتا.
داستانلار تېما ئالاھىدىلىكىگە قاراپ <تارىخىي داستان> تۈرىگە، ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ <لىرىك داستان> تۈرىگىمۇ ئىگە. (يەنە <پوئېما> غا قاراڭ).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چاچما ۋە تىزما شەكلىدە ئېيتىلغان ھېكايە، ئېرتەك، سەرگۈزەشت، تارىخ ۋە شېئىرلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەزمە ياكى نەسىر بىلەن يېزىلغان ھېكايە، قىسسە، رىۋايەت.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا نۇرغۇن داستانلار بار. « ئوغۇزنامە » داستانى ئەڭ قەدىمكى داستانىمىزدۇر. قىرغىز خەلقىنىڭ « ماناس » ئېپوسى ناھايىتى چوڭ ھەجىملىك بولۇپ، دۇنيا بويىچە زور قەدىمىي ئېپوسلارنىڭ بىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چاي _ تاماق تارقاندا، ئاش يايغاندا سېلىندىغان رەخت ياكى پالاستىن قىلىنغان بۇيۇم.
داستىخان سالماق. داستىخان ئېلىپ بارماق. داستىخان كىرگۈزمەك. داستىخان سالغۇچىلىكى يوق. داستىخىنى كەڭ. ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق.
دۇنيا تارىخى
ئىنسانىيەت مەرىپىتىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى بىر تۈرلۈك ئەدەبىي ئىپادىلەش شەكلى. كۆپىنچە مۇھىم ۋەقەلەر ياكى ئەپسانىۋى رىۋايەتلەر، ياكى قەھرىمانلارنىڭ شانلىق ئىش - پائالىيەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. دەسلەپتە كۆپىنچە ئاغزاكى شەكلدە ئىجاد قىلغان بولۇپ، خەلق سەنئەتچىلىرى تەرىپىدىن ئېتيىلغان. ئۇزاق مۇددەتلىك تارقىلىش جەريانىدا قايتا - قايتا پىششىقلانغان. ئاندىن ئەدىبلەر تەرىپىدىن خاتىرلىنىپ، رەتلىنىپ، ئاخىرىدا كىتاب قىلىپ تۈزۈلگەن. قەدىمكى دەۋردىكى داڭلىق تارىخىي داستانلاردىن قەدىمكى شەرقنىڭ «ئالپامىش»، قەدىمكى ھىندىستاننىڭ «»
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەدەبىيات
شېئىر بىلەن يېزىلغان چوڭ تىپتىكى ئەسەر؛ پوئېما.
داستان يازماق.
خەلق قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن ئېپىك ئەسەر.
ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى.