Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
داسېگلىئو
دۇنيا تارىخى
达赛格里奥
dá sài gé lǐ ào
(1798 - 1866) ئىتالىيە ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1849 - 1852)، يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا گېئوبېرت ۋە بالبو بىلەن بىللە، ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مۇتەپەككۇرى ۋە ئوڭ قانات باشلىقى بولغان. ئىتالىيىنى ساۋوئىيە پادىشاھلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە <يۇقىرىدىن - تۆۋەن> گە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنقىلابىي كۈرەشكە قارشى تۇرغان. 1847-يىلى 8-ئايدا <مىللىي پروگرامما لايىھىسى> نى ئېلان قىلغان، بۇ، ئىتالىيە لىبېراللىرىنىڭ سىياسىي ئەقىدىسىگە ئايلانغان. 1848-يىلى ئىنقىلابنىڭ باشلىرىدا ئىنىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىدىن توسكانا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلگەن. باش ۋەزىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغاندا، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيىدىن ياردەم سوراپ، ئاۋستىرىيىنىڭ تۆلىمىنى ئازايتماقچى بولغان؛ لومباردىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىەە قاتناشقانلارنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنىڭغا ئىجازەت بەرگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە پاپا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا رەسىم سىزىش ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1855 - 1859 - يىللىرى تۇرىن سەنئەت كۆرگەزمىسىنى باشقۇرغان. <رومىنىيدىكى ئەڭ يېقىنقى ۋەقەلەر> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدىيىسىنى بايان قىلغان.